Menu

يەشايا 31

ARA

1 ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ. 2 بىراق ئۇمۇ دانادۇر! ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە، شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ. 3 مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛ پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ، ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛ ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ. 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ «ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا، شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي، شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي، بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ. 5 ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛ قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. خۇدانىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىشى 6 سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! 7 چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ». 8 «شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛ ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ، ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ. 9 ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛ ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان، يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate