Menu

يۇنۇس 2

ARA

1 يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: — 2 «مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ. 3 چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛ 4 ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم. 5 سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى. 6 مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم. 7 جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى. 8 بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ. 9 بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!» 10 پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate