Menu

پەند-نەسىھەتلەر 31

ARA

1 تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن: 2 ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟ 3 كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما! 4 ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس. 5 بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، مۇقەددەس بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. 6 كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن! 7 ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن! 8 ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل. 9 سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول. پەزىلەتلىك ئايال 10 א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ. 11 ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر! 12 ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. 13 ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ. 14 ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، ئائىلىنى بېقىشتىكى ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ. 15 ו: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ. 16 ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ. 17 ח ئىشقا قاراپ ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛ 18 ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار. 19 י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار. 20 כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار. 21 ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. 22 מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر. 23 נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 24 ס ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ. 25 ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. 26 פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار. 27 צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ. 28 ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ 29 ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ. 30 ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ! 31 ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate