Menu

زەبۇر 100

ARA

1 تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! 2 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! 3 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. 4 دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate