زەبۇر 111
ARA1 ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. 2 پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. 3 ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 4 ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. 5 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. 6 ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. 7 ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. 8 بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. 9 ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. 10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.
