Menu

زەبۇر 114

ARA

1 ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، 2 شۇ چاغدا يەھۇدا خۇدانىڭ مۇقەددەس جايى، ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، 3 دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ 4 تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. 5 ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ 6 تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ 7 ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ 8 ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate