زەبۇر 141
ARA1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن. 2 دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن. 3 ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛ 4 كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن! 5 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ. 6 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر. 7 بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛ 8 بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛ ساڭا تايىنىمەن؛ جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن. 9 ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛ 10 رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن، مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن.
