Menu

زەبۇر 149

ARA

1 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار! 2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛ زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! 3 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛ ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن! 4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛ 5 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! 6 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن، قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛ 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛ 8 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ 9 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ! ھەمدۇسانا!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate