Menu

زەبۇر 4

ARA

1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا! 2 ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟ قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ سېلاھ. 3 بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ. 4 ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛ ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ، سۈكۈت قىلىڭلار. سېلاھ. 5 ھەققانىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى قىلىڭلار، ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار. 6 كۆپ خەلق: ــ «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلىسۇن؟» ــ دەپ سورىماقتا؛ جامالىڭنىڭ نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشسۇن، ئى پەرۋەردىگار! 7 ئاشلىق ۋە يېڭى شارابلىرى مولچىلىق بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ، مېنىڭ قەلبىمنى بەكرەك خۇشاللىققا تولدۇردۇڭ. 8 مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛ چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate