زەبۇر 54
ARA1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان): ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. 2 ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن. 3 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. سېلاھ. 4 قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. سېلاھ. 5 ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن. 6 مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ شۇنداق قىلىش ئەلادۇر. 7 چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم.
