زەبۇر 57
ARA1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. 2 خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛ 3 ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ سېلاھ؛ خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ! 4 جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! ئادەم بالىلىرى ــ ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر! 5 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 6 ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 7 ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن! 8 ئويغان، ئى روھىم! ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! 9 مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! 10 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. 11 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
