Menu

زەبۇر 61

ARA

1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! 2 يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! 3 چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن. 4 مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ. 5 چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن. 6 پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ. 7 ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛ 8 شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate