زەبۇر 64
ARA1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن! ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن! 2 قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن، يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن. 3 ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛ مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى. ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ. 5 ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، «بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە. 6 ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ «بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛ ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە بىلىپ بولماس بىر نەرسىدۇر! 7 لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛ ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ. 8 ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ. 9 ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ. 10 ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ.
