Menu

زەبۇر 8

ARA

1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! 2 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن. 3 مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، 4 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ 5 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. 6 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، 7 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، 8 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار، دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. 9 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate