Menu

كۈيلەرنىڭ كۈيى 7

ARA

1 «ئى شاھزادىنىڭ قىزى، كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل! تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك، چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر. 2 كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛ ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛ قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر، ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ. 3 ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛ 4 بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛ 5 ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر. 6 ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن! 7 سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر. 8 مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر…». شۇلامىت سۆز قىلىپ، سۇلايماننىڭ گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ 9 «…مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن…! 10 مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ». ئون بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنىڭ ئۆز يۇرتىنى يوقلاشقا بولغان ئارزۇسى •••• {7:11-8:4} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ 11 «ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، ئېتىزلارغا چىقايلى؛ يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى، 12 ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن. 13 مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate